Sign in
Sign in
Sign in
Select Language
042

Ash-Shuraa 42:21 ام لهم شركاء شرعوا لهم من الدين ما لم ياذن به الله ولولا كلمة الفصل لقضي بينهم وان الظالمين لهم عذاب اليم ٢١

42:21
أَمۡ
لَهُمۡ
شُرَكَٰٓؤُاْ
شَرَعُواْ
لَهُم
مِّنَ
ٱلدِّينِ
مَا
لَمۡ
يَأۡذَنۢ
بِهِ
ٱللَّهُۚ
وَلَوۡلَا
كَلِمَةُ
ٱلۡفَصۡلِ
لَقُضِيَ
بَيۡنَهُمۡۗ
وَإِنَّ
ٱلظَّٰلِمِينَ
لَهُمۡ
عَذَابٌ
أَلِيمٞ
٢١
ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(21).
Continue Reading

Read Tafsir

Ibn Kathir (Abridged)

The Provision of Allah in this World and the Hereafter

Here Allah speaks of His kindness towards His creation, in that He provides for every last one of them and does not forget anyone. When it comes to His provision, the righteous and the sinner are alike. Allah says:

وَمَا مِن دَآبَّةٍ فِي الاٌّرْضِ

…

The Provision of Allah in this World and the Hereafter

Here Allah speaks of His kindness towards His creation, in that He provides for every last one o

…
More Tafsirs

Read in Context

Chapter 42, Page 485, Juz 25

20. كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق(20). 21. ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(21). 22. كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر(22). 23. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر(23). 24. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئاللاھقا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(24). 25. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(25). 26. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ، (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(26). 27. ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(27). 28. ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر(28). 29. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر(29).

- Muhammad Saleh

Notes and Reflections

You do not have any notes or reflections on this verse.

Notes placeholders

Stay Connected to the Quran ❤️

Short meaningful reminders to reset, reflect and stay connected to the Quran.

Read, Listen, Search, and Reflect on the Quran

Quran.com is a trusted platform used by millions worldwide to read, search, listen to, and reflect on the Quran in multiple languages. It provides translations, tafsir, recitations, word-by-word translation, and tools for deeper study, making the Quran accessible to everyone.

As a Sadaqah Jariyah, Quran.com is dedicated to helping people connect deeply with the Quran. Supported by Quran.Foundation, a 501(c)(3) non-profit organization, Quran.com continues to grow as a free and valuable resource for all, Alhamdulillah.

Navigate
Home
Quran Radio
Reciters
About Us
Developers
Product Updates
Feedback
Help
Donate
Our Projects
Quran.com
Quran For Android
Quran iOS
QuranReflect.com
Quran.AI
Sunnah.com
Nuqayah.com
Legacy.Quran.com
Corpus.Quran.com
Non-profit projects owned, managed, or sponsored by Quran.Foundation
Popular Links
Duas from the Quran
Quran Verse of the Day
Ayatul Kursi
Yaseen
Al Mulk
Ar-Rahman
Al Waqi'ah
Al Kahf
Al Muzzammil
SitemapPrivacyTerms and Conditions
© 2026 Quran.com. All Rights Reserved
Contribute